ناتو قارا دېڭىزدا رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ناتو مۇئاۋىن باش كاتىپى روس گوتتېموئېللېر (Rose Gottemoeller) رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى زورايتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1281732
ناتو قارا دېڭىزدا رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە باش مىنىستىرى گىيورگى گاخارىيا (Giorgi Gakharia) بىلەن ناتو مۇئاۋىن باش كاتىپى روس گوتتېموئېللېر باتۇمدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتونىڭ شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

گىرۇزىيە باش مىنىستىرى گىيورگى گاخارىيا قارا دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى رامكىسىدا، ناتو بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يىغىندا گىرۇزىيەنىڭ ناتو بىلەن بىرلىشىشىنى ۋە ماسلىشىشىنى ئاشۇرۇش، گىرۇزىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يېقىنقى يىللاردا گىرۇزىيەنىڭ ناتو بىلەن بولغان ئۆز ئارا ھەمكارلىقلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك. گىرۇزىنلار دۆلىتىنى ناتوغا ئەزاسى بولۇشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ ۋە ناتو دۆلەتلىرىدىن بۇ جەھەتتە قوللىشىنى كۈتىدۇ. گىرۇزىيەنىڭ ناتو بىلەن بىرلىشىشى رايونلۇق ۋە يەر شارى بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشۇشقا قارىتىلغان. ھېچكىمگە تەھدىت پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس» دېدى.

ناتو مۇئاۋىن باش كاتىپى روس گوتتېموئېللېر گىرۇزىيەنىڭ ناتو بىلەن بىرلىشىش يولىدا ھەر خىل دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى، ئارمىيەسىنى زامانىۋىيلاشتۇرغانلىقىنى، مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسلاھاتلارنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن گىرۇزىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيەنى ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسېتيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە ۋە گىرۇزىيەنىڭ بۇ زېمىنلىرىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە چاقىرىمىز. رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بۇ سەۋەبتىن، گىرۇزىيە بىلەن ناتونىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر