سومالىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سومالىنىڭ ئېلاشا بىياھا رايونىدا ئىككى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى باشلىقى ئىبراھىم ئەلمى پايتەخت موقدىشۇغا يېقىن ئېلاشا بىياھا رايونىدا ھەربىي ئاپتوموبىللار ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا قوش ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
رايونغا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەلمى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.
دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن يېزا – بازارنى ئىشغال قىلىپ كېلىۋاتقان ئەششەباب تەشكىلاتى، پات – پاتلا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

نىيۇ يوركتا بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك ئىشتاتىدا ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋاتقان بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.

باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئىراق پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 20 كىشى يارىلاندى.