شىمالىي كورېيە يېڭى بىر بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

شىمالىي كورېيە تۈنۈگۈن دېڭىز ئاستى پاراخوتتىن قويۇپ بېرىلىدىغان يېڭى بىر تۈردىكى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1281411
شىمالىي كورېيە يېڭى بىر بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە بىلىملىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەندە شەرقىي دېڭىز (ياپونىيە دېڭىزى) ۋونسان يېزىسى دېڭىز تەۋەلىكىدە، دېڭىز ئاستى پاراخوتتىن قويۇپ بېرىلىدىغان «Pukguksong-3» ناملىق يېڭى بىر تۈردىكى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى غەلىبىلىك سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تىك شەكىلدە قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، «بۇ سىناق ئارقىلىق يېڭى لايىھىلەنگەن بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئاساسلىق تاكتېكا ۋە تېخنىكا كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە ئىلمىي نۇقتىسىدىن ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسەتمىدى» دېيىلدى

«KCNA» نىڭ خەۋىرىدە يەنە، شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان تاشقى كۈچلەرنىڭ تەھدىتلىرىنى كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىش ۋە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچى تېخىمۇ ئاشۇرۇلغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان بىر ۋەزىيەتتە، بۇنىڭ چوڭ ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم چوڭئۇننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى نەخ مەيداندىن كۆرگەنلىكى، سىناقتىن كېيىن قىزغىن تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي كورېيە 2016يىلىدىن بۇيان تۈنجى قېتىم تۈنۈگۈن سىناق قىلغان يېڭى بومبىنى قوشقاندا، مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا 11 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان بولدى.

جەنۇىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ ئەتىگەندە شەرقىي دېڭىزغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېنىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر