شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىزىغا قويۇپ بەرگەن ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

1280043
شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ ئەتىگەن ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەن؛ بومبىلاردىن بىرى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 07 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە شەرقىي دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، يەنە بىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى شىمانې قىرغىقىغا چۈشكەن.

باياناتتا كۆرسىتلىشىچە، سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار 910 كىلومېتىر ئۆرلەپ 450 كىلومېتىر يىراقلىققا چۈشكەن.

مەزكۇر بومبا سىنىقىنىڭ ھېچقانداق ھەربىي ئەسلىھەگە زىيان يەتكۈزمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ تىپتىكى بومبىلارنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2016 – يىلى سىناق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شەرقىي دېڭىزىغا پات – پاتلا بومبا قويۇپ بېرىپ تۇرىدىغان شىمالىي كورېيە، بۇ يىل ئىچىدە 11 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ۋاشىنگتون بىلەن پىيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە 4 – ئۆكتەبىردە تەييارلىق، 5 – ئۆكتەبىردە رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر