رۇسىيە: «500 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سىناقتىن ئۆتتى

رۇسىيە «500 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1280428
رۇسىيە: «500 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سىناقتىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى» رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە «500 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن سىناق قىلىنىش جەريانىدا بىرقاتار كاشىلىلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ كاشىلىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان. نەتىجىدە، «500 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغان.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ «500 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنىڭ 2020 – يىلى باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئەسناسىدا سىناقتىن ئۆتەلمىگەن 12 تۈرلۈك قورال – ياراغنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر