نامدار زەنگىنە: ئەگەر ئىران نېفىت ساتالمىسا، ئىچكى مالىمانچىلىق چىقىدۇ

ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجەن نامدار زەنگىنە ئىران نېفىت ساھەسىنىڭ ئامېرىكا باشلىغان ئىقتىسادىي ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى فىرونتىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1280502
نامدار زەنگىنە: ئەگەر ئىران نېفىت ساتالمىسا، ئىچكى مالىمانچىلىق چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجەن نامدار زەنگىنە، ئەگەر ئىران نېفىت ساتالمىسا، ئىچكى مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. 

پايتەخت تېھراندا نېفىت سانائىتى سەھەسى مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجەن نامدار زەنگىنە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئىران نېفىت ساھەسىنىڭ ئامېرىكا باشلىغان ئىقتىسادىي ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى فىرونتىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «نېفىت ئىشلەپچقارمىساق ۋە ساتالمىساق ئىراندا مالىمانچىلىق چىقىدۇ. نېفىت سېتىلمىسا، ئەقەللىي يېمەك ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى ۋە كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى سېتىۋالالمايمىز. تېفىت سېتىلماي تۇرۇپ، نورمال تۇرمۇشىمىزنى داۋاملاشتۇرالمايمىز» دېدى.

نامدار زەنگىنە ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت تىجارىتىنى نۆل سۈۋىيەگە چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى، بىراق بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نامدار زەنگىنە خەلقئارا رۇسىيە ئېنېرگىيە مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مۇسكوۋاغا يېتىپ باردى ۋە ئىران دۆلەت مېدىياسىغا بەرگەن باياناتىدا، «ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياكى قانۇنسىزلىق بىلەن قىلىنىۋاتقان مۇداخىلەرنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن ئېنېرگىيە بازىرى سىياسەتنىڭ سىرتىدا تۇتۇلۇشى لازىم. بۇ ئىش ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزدە تۇتقاندا، ھەم ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا، ھەم ئىستېمالچىلارغا پايدىلىق بولىدۇ» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ئارامكوغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن نېفىت بازىرىنىڭ نورمال ھالغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ھۇجۇم بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ تەڭدە تەڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنمىدىم. سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ مەسىلىنى سىياسىي جەھەتتىن مۇبالىغىلەشتۇرىۋەتتى ۋە خەلقئارانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدى» دېدى.

نامدار زەنگىنە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەرقانداق چاغدا مۇزاكىرىلىشەلەيدىغانلىقىنى، بىراق سەئۇدى ئەربىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشقا يېقىن كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر