مېركېل: ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇرەسسەلىشىشىدىن ئۈمىد بار

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن تېخىچە ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈردى.

1280320
مېركېل: ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇرەسسەلىشىشىدىن ئۈمىد بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل  بىرلىندا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جوزې ئانگېل گۇررىئا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دەيۋىد لىپتون، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روبېرتو ئازېۋېدو، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى گاي رايدېر ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى دەيۋىد مالپاس بىلەن كۆرۈشتى.

مېركېل ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بارغانسېرى زورىيىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك سودا شۈركىلىشلىرى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئېنىقسىزلىقلار ھەققىدە توختالدى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادقا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان سودا شۈركىلىشلىرىنىڭ زورىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇدا 3 يىلدىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 31 – ئۆكتەبىر كۈنى ئايرىلىشىنى شەرت قوشۇش بىرقاتار ئېنىقسىزلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. ئەنگلىيە يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيور بولغانلىقى ئۈچۈن،  بۇ مەسىلىنىڭ ئېنىقسىزلىققا ئايلىنىپ قېلىشى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادقا نىسبەتەن ئەندىشە مەنبەسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.»

ئۇ ئامېرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇرەسسەلىشىش ئۈچۈچن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. جۈملىدىن ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن تېخىچە ئۈمىد بار، بۇئۈمىد بولسا ئېنىقسىزلىقلارنى ئازايتىش ۋە يوقىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر