شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قايتىدىن يادرو سۆھبىتىنى باشلايدۇ

شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتون بىلەن پىيوڭياڭنىڭ يادرو سكھبىتىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1279673
شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قايتىدىن يادرو سۆھبىتىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا 2019-يىلى 5-ئۆكتەبىر يادرو سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

شىمالىي كورېيە «KCNA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخۇي بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتون بىلەن پىيوڭياڭنىڭ، «4-ئۆكتەبىردە ئالدىن ئۇچرىشىش ۋە 5-ئۆكتەبىردە خىزمەت دەرىجىسىدە مۇزاكىرەلەر» ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ باياناتىدا يەنە، «شىمالىي كورېيە ھەيئىتى شىمالىي كورېيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا سەۋىيەسىدىكى مۇزاكىرەلەرگە قاتنىشىشقا تەييار. تېخنىكا سەۋىيەسىدىكى مۇزاكىرەلەرنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر