خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ 70 – يىلىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى كۆرسەتتى
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ 70 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات جەريانىدا، خىتاينىڭ يادرو ۋە ھىپېر سۇنىك (ئاۋازدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى كۆرسىتلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭدىكى تىئەنئەنمىن مەيدانىدا 1949 – يىلى 1 – ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 – خاتىرە يىلى ھەربىي پارات بىلەن تەبرىكلەندى.
مىڭلىغان ئەسكەرلەر قاتناشقان ھەربىي پاراتتا قۇرۇغلۇق ئاپتوموبىللىرى ۋە يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كىچاڭنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى ۋە 70 پاي توپ ئېتىش بىلەن مۇراسىم باشلاندى. خىتاي دۆلەت مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن دۆلەت رەئىسى شى نۇتۇق سۆزلىدى.
شى 70 يىلدا خىتاينىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرىنى ئاڭلىتىپ، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيانقى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن خوڭكوڭ، ماكاۋ ۋە تەيۋەن مەسلىسى ئۈستىدە توختالدى.
شى: «كەلگۈسى يولىمىزدا بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ تىنچلىقنى ئاساس قىلغان قايتىدىن بىرلىشىش پىرىنسىپلىرىنى قوغداش لازىم. خوڭكوڭ ۋە ماكاۋدا باياشاتلىق ۋە مۇقىملىقنى داۋملاشتۇرۇش لازىم. ئىككى بۇغۇز (خىتاي ۋە تەيۋەن) مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تىنچلىق ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشىنى تەشۋىق قىلىش لازىم. ئاناۋەتەننىڭ قايتىدىن بىرلىشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم» دېدى.
ئۆتكەن 70 يىلدا خىتاينىڭ مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن شى، «ھېچقانداق كۈچ چوڭ ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. ھېچقانداق كۈچ خىتاينىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى.
بېيجىڭدا ئاخشامغىچە 70 - يىل مۇراسىملىرى دائىرىسىدە، تەبرىلكەش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى قازا قىلدى.