كىم سوڭ: شىمالىي كورېيە - ئامېرىكا يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ تەقدىرى ۋاشىنگتوننىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق

شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كىم سوڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا توختالدى.

1279269
كىم سوڭ: شىمالىي كورېيە - ئامېرىكا يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ تەقدىرى ۋاشىنگتوننىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كىم سوڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يادرو سۆھبىتىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «شىمالىي كورېيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۆھبەتلىرى يېڭى بىر پۇرسەت كۆزنىكى بولامدۇ ياكى كىرىزىسنى ئېغىرلاشتۇرامدۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا باغلىق ئىش» دېدى.

كىم سوڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۆتكەن يىلى 12 – ئىيۇندا سىنگاپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – شىمالىي كورېيە يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلگىنىگە بىر يىلدىن ئېشىپ كەتتى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئازدۇر – كۆپتۈر ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي قۇتراتقۇلىقلىرى پەيدا قىلغان سوغۇقچىلىق مەنبەلىك چىگىشلىكنىڭ ھەل قىلىنالمىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن كىم سوڭ، «ئامېرىكىنىڭ مەۋجۇت پىلانلىرىنى تاشلاپ، بىزگە قارىتا يېڭى بىر پوزىتسىيە نامايان قىلىشى كېرەك ئىدى ۋە بىزمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ جەسۇر قەدەمنى تاشلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتتۇق» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، «شىمالىي كورېيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۆھبەتلىرى يېڭى بىر پۇرسەت كۆزنىكى بولامدۇ ياكى كىرىزىسنى ئېغىرلاشتۇرامدۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا باغلىق ئىش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر