بوكوھارامچىلار بىر ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلدى
بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا سادىر قىلغان ھۇجۇمىدا 13 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1279682
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بورنو ئۆلكىسىدىكى گۇبىئو-ماگۇمېرى تاش يولى بويىدىكى ھەربىي گازارمىغا ھۇقۇم قىلىپ، 8 نەپىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 13 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، كۆپ ساندا ئادەمنى يارىلاندۇرغان.
نىگېرىيە ئارمىيەسى ۋەقە توغرىسىدا ھازىرغىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.