موسكۋادا نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

رۇسىيەدە ئون مىڭلارچە كىشى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيانقى نامايىشلاردا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1278652
موسكۋادا نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 20 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئەمما نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار نامايىشقا قاتناشقۇچىلار سانىنى 25 مىڭ دەپ ئېلان قىلدى.

پايتەخت موسكۋادىكى ساخاروۋ يولىدا 2 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان نامايىشقا رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىدىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالېكسېي ناۋالنېي بىلەن بىرلىكتە لۇبوۋ سوبول، ئىۋان ژدانوۋ، يۇلىيا گاليامىنا ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ داڭلىق يۇتىيوب چولپانلىرىدىن يۇرىي دۇد قاتارلىقلارمۇ ئىشىتراك قىلدى.

«پۇتىننى خالىمايمىز»، «سىياسىي مەھبۇسلارغا ئەركىنلىك»، «ئوغرى رەھبەرلىك كەتسۇن» دېگەندەك شوئالارنى توۋلىغان نامايىشچىلار، نامايىشلاردا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

موسكۋادا يېقىنقى ئايلاردا ھەپتە ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا يۈزلەرچە كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر