ئىران ئەنگلىيەنىڭ نېفىت پاراخوتىنى قويۇپ بەردى

ئىران تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان ئەنگلىيەنىڭ «ستېنو ئىمپېرو» ناملىق نېفىت پاراخوتى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1277636
ئىران ئەنگلىيەنىڭ نېفىت پاراخوتىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئەنگلىيە نېفىت پاراخوتىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، «ستېنو ئىمپېرو» ناملىق ئەنگلىيە نېفىت پاراخوتى، ھۇرمۇزگان ئىشتاتىنىڭ ئابباس پورتىدىن ئايرىلىپ، خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.

ئىران ھۇرمۇزگان ئىشتاتىنىڭ دېڭىزچىلىق ۋە پورت ئىشلىرى باش مۇدىرى مۇرات ئافىفىپۇر دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بېرىپ، ئەنگلىيە نېفىت پاراخوتىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قانۇنى رەسمىيەتلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، بىراق ئىران سوتىنىڭ دېڭىزچىلىق قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى ھۆكۈمنى تېخىچە چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەنگلىيە نېفىت پاراخوتىنىڭ دېڭىزچىلىق قائىدەلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوت قارارىنىڭ كېيىنچە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۇرمۇزگان ئىشتاتى دېڭىزچىلىق ۋە پورت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يازما باياناتىدا، نېفىت پاراخوتىدىكى خادىملارنىڭ ھېچقانداق ئەرز-شىكايەت قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا يازمىچە ۋەدە بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

نېفىت پاراخوتى كىرىزىسى

ئەنگلىيەگە قاراشلىق جەبىلتارىق ئاپتونوم ھۆكۈمىتى 2019-يىلى 4-ئىيۇلدا سۈرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ئىران نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلغان ئىدى.

ئىران دائىرىلىرى نېفىت پاراخوتىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى، ئۇنداق بولمىغاندا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى 2019-يىلى 19-ئىيۇلدا ئەنگلىيەنىڭ بايرىقى ئېسىلغان «ستېنو ئىمپېرو» ناملىق نېفىت پاراخوتىنى ھۇرمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش جەريانىدا «دېڭىزچىلىق قائىدەلىرىگە رىئايە قىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلەپ مۇسادىرە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

جەبىلتارىق ئالىي سوتى ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىنى 2019-يىلى 15-ئاۋغۇستتا قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر