ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئارامكو شىركىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا 200 ئەسكەر، بىر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيەسى ۋە 4 دانە قىسقا مۇساپىلىق رادار سىستېمىسى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1277715
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جوناتھان ھوفمان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە رىيادنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مىنىستىر مارك ئېسپېر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ دائىرىدە ۋاشىنگتون سەئۇدى ئەرەبىستانغا 200 ئەسكەر، بىر <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيەسى ۋە 4 دانە قىسقا مۇساپىلىق رادار سىستېمىسى ئەۋەتىدۇ. بۇ ئەسلىھەلەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پۇقراۋى ۋە ھەربىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا قارىتا ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىنىستىر ئېسپېر زاپاس قىسىملارنى تەييارلاش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى. بۇ ئىككى دانە <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيەسى، بىر ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر