ۋېنېزۇئېلانىڭ يەتتە ئەمەلدارى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلانىڭ يەتتە نەپەر خەۋپسىزلىك ۋە ئىستىخبارات مەسئۇلىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
1277623
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋېنېزۇئېلاغا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋېنېزۇئېلانىڭ يەتتە نەپەر خەۋپسىزلىك ۋە ئىستىخبارات مەسئۇلىغا ساياھەتتە چەكلىمە قويۇش، مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش قارار قىلىنغان.
بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي 25 ۋېنېزۇئېلا ئەمەلدارى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى ئېمبارگوسىنى 2017-يىلى نويابىردا يولغا قويغان ئىدى.