رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىسىنىڭ ئىقتىدارىنى زورايتقانلىقىنى ئۇقتۇردى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدىكى ھىمېيمىم ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنىڭ ئىقتىدارىنى زورايتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1277374
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، سۈرىيەنىڭ لازقىيە شەھىرىدىكى رۇسىيەگە ئائىت ھىمېيمىم ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنىڭ ئىقتىدارى زورايتىلغان بولۇپ، بۇ بازىدا « SU-30» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە « MI» تىپلىق ئۇرۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى بار ئىكەن.