خوڭكوڭدىكى نامايىشلاردا 1600 ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىندى

خوڭكوڭ ساقچىلىرى ئىيۇن ئېيىدىن بۇيانقى نامايىشلاردا 1600 ئوقۇغۇچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياشلارنىڭ بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلاردا ۋەقە چىقىرىشتىن ئۇزاق تۇرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

1277773
خوڭكوڭدىكى نامايىشلاردا 1600 ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ساقچى ئىدارىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشخانىسى باشىقى تىسې چۇنچۇڭ ئاخبارات ئېلان قىلش يىغىنى چاقىرىپ، ئىيۇن ئېيىدىن بۇيانقى نامايىشلاردا 1600 ئوقۇغۇچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقنى ئۇقتۇردى. 

تىسې چۇنچۇڭ پەقەت مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدىلا 207 نەپەر تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياشلارنىڭ جىنايى قىلمىشلارغا يۈزلىنىش نىسبىتىنىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تىسې چۇنچۇڭ نامايىشچىلاردىن ئالدىنقى نامايىشتىكىگە ئوخشاش بىنزېن ئىستانسىلىرىغا ئوت قويۇپ بەرمەسلىكنى، كوچىلارغا گۈلخان ياقماسلىقنى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىغا زىيان سالماسلىقنى شۇنداقلا بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ياشلارنىڭ قانۇنلارنى ئاياق - ئاستى قىلىشى ۋە ياپ - ياش تۇرۇپمۇ، جىنايى ئارخىپلىرىنىڭ بارلىقى، تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بارلىق ياشلارنى ھەرىكەتلىرىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا چاقىرىق قىلىمىز. مائارىپنىڭ ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ ياشلارغا ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

خوڭكوڭ ساقچى ئىدارىسى 2014يىلىدا ئومۇمىي ئاۋاز بېلىتى تاشلاش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، 79 كۈنگىچە كوچىلاردىن قايتماي ئوتكۈزۈلگەن «كۈنلۈك ئىنقىلابى» ناملىق نامايىشنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئالدىنقى فىرونتى تەرىپىدىن ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى خوڭكوڭ شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەچى بولغان كەڭ - كۆلەملىك يىغىلىشقا رۇخسەت بەردى. 

نامايىشچىلار يەنە 1ئۆكتەبىر كۈنىمۇ خىتاي كوممۇنېست پارتىيەسى تەرىپىدىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قورۇلغانلىقىنىڭ 70خاتىرە يىلىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر