ئىراق پىرېزىدېنتى: دۆلىتىمىزنىڭ قوشنىلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىش سۇپىسى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمىز

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ، دۆلىتىنىڭ قوشنىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش سۇپىسى بولۇپ قېلىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1276816
ئىراق پىرېزىدېنتى: دۆلىتىمىزنىڭ قوشنىلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىش سۇپىسى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا رەھبەرلەرگە خىتاب قىلىپ، «ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. بۇ كىرىزىسلەردىن بىرلەشكەن ھالدا چىقىشىمىز كېرەك. ئىراقنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىش سۇپىسى بولۇپ قېلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز» دېدى.

ئۇ، ئىراقتا ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا بىلدۈرۈپ، «دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقى پارس قولتۇقى ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە باغلىقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پىرېزىدېنت بەرھەم سالىھ، ئىراقنىڭ ئەرەب ۋە رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللەنگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، «ئىران ۋە شىمالدىكى قوشنىمىز تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ، ئىراقنىڭ تېررورنىڭ كۈلپىنى كۆپلەپ تارتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دائېش ئىراقنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر خۇپيانە پىلان ئىدى» دېدى.

ئىراق پىرېزىدېنتى سالىھ، دۇنيا رەھبەرلىرىنى، دۇنيادىكى چىرىكلىك، ئەتكەسچىلىك ۋە ئاشقۇن پىكىرلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا دەرىجىلىك بىرلەشمە قۇرۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر