ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بەزى يېزا ئىگلىكى مەھسۇلاتلىرى ۋە سانائەت مەھسۇتلىرىغا قويۇلغان باجلارنى تۆۋەنلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1276972
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى

ياپونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى كىيودونىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې تەرىپىدىن نىيۇ يوركتا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئېمپورت - ئېكسپورت قىلىۋاتقان بەزى يېزا ئىگلىكى ۋە يېمەك ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى شۇنداقلا بەزى سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىشنى قوبۇل قىلغان بولدى.

كېلىشىم دائىرىسىدە، ئامېرىكا ئېكسپورت قىلىدىغان گۆش، ئېرىمچىك، بۇغداي، قوناق ۋە ھاراق قاتارلىق يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان باجلارنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش قارار قىلىندى. 

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ دائىرىدە ئامېرىكىدىن ئېمپورت قىلىنغان گۆش مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئەسلىدىكى %38.5 لىك تاموژنا بېجىنى دەسلەپتە، %26.6 كە، ئاندىن باسقۇچمۇ - باسقۇچ %9 كىچە تۆۋەنلىتىشكە ۋەدە بەردى.

ئامېرىكىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ياپونىيەدىن ئېمپروت قىلىنىۋاتقان ئاپتوموبىللار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن باجنى %2.5 تۆۋەنلىتىشكە قوشۇلدى.

باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ۋە ئاپتوموبىل سايمانلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھازىرقى باجنىڭ داۋاملىشىشىشى قارار قىلىندى.

كېلىشىم ھەر ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن، 2020يىلى 1يانۋاردىن باشلاش رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. 

ئامېرىكانىڭ 2018يىلىدىكى 2 تىرىليون 500 مىليارد دوللار بولغان يىللىق ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 133 مىليارد دوللارلىق قىسمىنى يېزا ئىگلىكى مەھسۇلاتلىرى تەشكىل قىلغان ئىدى. 

ياپونىيە يىللىق 100 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان ئاپتوموبىل ئېكسپورت سودىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتەن بىرىنى ئامېرىكا بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى.

بۇ كېلىشىم جەمئىي 12 دۆلەت قاتناشقان تىنچ ئوكيان شېرىكلىكى كېلىشىمى «TPP» دىن ئامېرىكانىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن تاموژنا بېجى ئېنىقسىزلىقى مەسلىسىىگە بەزى ساھەلەردە قىسمەن بولسىمۇ ھەل قىلىش چارىسى بولىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر