جۇبەيىر: قولىمىزدا ئارامكو ھۇجۇملىرىدا ئىران قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىگەنلىكىگە دائىر پاكىت بار

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيىر، قولىمىزدا ئارامكو ھۇجۇملىرىدا ئىران قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىگەنلىكىگە دائىر پاكىت بار، دېدى.

1277027
جۇبەيىر: قولىمىزدا ئارامكو ھۇجۇملىرىدا ئىران قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىگەنلىكىگە دائىر پاكىت بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيىر، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكونىڭ نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا ئىران قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئەلئىخبارىييە» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىگە بارغان ئادىل ئەلجۇبەير، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكوغا قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە توختىلىپ، «سائۇدى ئارامكونىڭ مۇئەسسەسەلىرىگە قىلىنغاندا ھۇجۇمدا ئىران قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر پاكىتلىرىمىز بار» دېگەن.

ب د ت تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇبەيىر، «نەتىجە ئېلان قىلىنغىنىدا، كېيىنكى قەدەمنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىغا قارار قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ قىلمىشلىرىنى ۋە يۈز بەرگەن ئىشلار (ئارامكو ھۇجۇمى) نى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، ئىراننىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشى لازىملىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان جۇبەيىر، ئارامكو ھۇجۇمىدىن ئىنتىقام ئېلىش مەسىلىسىدە ئىتتىپاقداشلار بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكونىڭ ئىككى نېفىت چەككىلەش ئورنىنىڭ 14 – سېنتەبىر كۈنى شۇ جاي ۋاقتىپ سائەت 04:00 تە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ۋەقەدىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

يەمەندىكى ھۇسىيلار، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن مەزكۇر ۋەقەنى 10 دانە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر