دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مۇنازىرىسىگە سەۋەب بولغان تېلېفون سۆھبىتى ئېلان قىلىندى

ئامېرىكادا ئاق ساراي دائىرىلىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مۇنازىرىسىگە سەۋەب بولغان دونالد ترامپ بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسىكىينىڭ 25 - ئىيۇلدىكى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ يازما تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى.

1276641
دونالد ترامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مۇنازىرىسىگە سەۋەب بولغان تېلېفون سۆھبىتى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، 25ئىيۇلدىكى ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتىدە، دونالد ترامپ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىگە ئامېرىكانىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا ئۇكراناغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىزمۇ ئەمدى سىزدىن بىزگە بىر ياخشىلىق قىلىشىڭىزنى تەلەب قىلىمىز» دېگەن. 

ئاندىن زېلېنسىكىيمۇ ئامېرىكا قىلغان ياردەملەرنى تەكىتلىگەن. 

ترامپمۇ زېلېنسىكىيغا ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىليام بار ۋە ترامنىڭ خۇسۇسىي ئادۋۇكاتى روبىي گۇيلانى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «جوي بايدىننىڭ ئوغلى ھەققىدە بولىنىۋاتقان نۇرغۇن سۆزلەر بار. بايدىننىڭ سوتقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ۋە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار توغرىنى تېپىشنىڭ كويىدا» دېگەن. 

ترامپ سۆھبەتتە يەنە: «ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ سىزگە ۋە خادىملىرىغا تېلېفون قىلىشىنى ھەمدە بۇ مەسىلىگە چوڭقۇرراق قاراپ بېقىشىڭىزنى خالايمەن» دېگەن.

بۇ جەرياندا دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنىڭ توڭلىتىلغانلىقى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېمىگەنلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «Wall Street Journal» گېزىتى، دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسىكىي بىلەن ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنادىن بايدىننىڭ ئوغلىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 

دونالد ترامپ بۇ خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىپ، زېلىنسىكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ پۈتۈنلەي قائىدە قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە: «زېلېنسىكىي بىلەن نېمىلەرنى دېيىشكىنىم مۇھىم ئەمەس، بىرسى چوقۇم بايدىننى تەكشۈرۈشى لازىم» دېگەن ئىدى.

ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋەرلەردە بولسا، دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ياردەملەرگە بايدىن ۋە ئائىلىىسنىڭ تەكشۈرۈلىشىنى شەرت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. 

دونالد ترامپ تۈنۈگۈن مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتىدىن ئىلگىرى ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان 400 مىليون دوللارلىق يادەمنى توڭلاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە تېلېفون سۆھبىتىنىڭ يازما تەپسىلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نانسىي پېلوسى تۈنۈگۈن مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتىدە دونالد ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن رەسمىي تەكشۈرش ھەرىكىتى باشلاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر