ئامېرىكادا دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن رەسمىي ھەرىكەت باشلاندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نانسىي پېلوسى، «ترامپ قىلغانلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشى لازىم. ھېچ كىشى قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس» دېدى.

1275907
ئامېرىكادا دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن رەسمىي ھەرىكەت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نانسىي پېلوسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتچى پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشنىڭ ئارقىدىن مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. 

پېلوسى دونالد ترامپنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىز زېلېنىسكىي بىلەن ئىيۇل ئېيىدا ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە دېموكراتچى جو بايدىننىڭ تەكشۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دونالد ترامپنىڭ ھەرىكەتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى.

ترامپنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىتىلىشى ئۈچۈن تۇنجى رەسمىي خىزمەتنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان پېلوسى، «ترامپ قىلغانلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشى لازىم. ھېچ كىشى قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس» دېدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا تارىخىدا ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتى باشلىتىلغان 4پىرېزدېنتقا ئايلاندى.

ئامېرىكانىڭ «Wall Street Journal» گېزىتى، جۈمە كۈنى ترامپنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسىكىي بىلەن ئىيۇل ئېيىدىكى تېلېفون سۆھبتىدە، ئۇكرائىنادىن بايدىننىڭ ئوغلى ھەققىدە تەشكۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خەۋەردە، ترامپنىڭ زېلېنسىكىيگە جوي بايدىننىڭ ئوغلى ھاتېر بايدىننىڭ ئۇكرائىنادىكى سودا كېلىشىملىرىنىڭ تەكشۈرىلىشى ئۈچۈن ئادۋۇكاتى راددىي گۇيلان بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى جىكىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

دونالد ترامپ بۇنىڭغا قارىتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، زېلېنسىكىي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ پۈتۈنلەي قائىدە - قانۇنغا ئۇيغۇن بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «زېلېنسىكىي بىلەن نېمىلەرنى سۆزلەشكەنلىكىم مۇھىم ئەمەس، بىرسى چوقۇم بايدىننى تەكشۈرىشى لازىم» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا، ترامپنىڭ ئۇكرائىنا رەھبىرىگە بايدىن ۋە ئائىلىسىنى تەكشۈرۈشنى ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ياردەمگە شەرت قىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ترامپ مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتىدىن ئىلگىرى ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان 400 مىليون دوللارلىق ياردەمنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.  

دونالد ترامپ زېلېنسىكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ يازما تەپسىلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى. 

دونالد ترامپ دېموكراتچىلارنىڭ ئۆزىگە قارىتا تۇنجى قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەرىكىتى باشىلىغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن بۇ نېمە دېگەن يامان ئىش» دېدى. 

دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، دېموكراتچىلارنىڭ زېلېنسىكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ يازما تەپسىلاتىنى تېخى كۆرۈپمۇ باقمىغانلىقىنى ئىما قىلىپ، «بۇ پىرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقىغا مۇداخىلە قىلغانلىقتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر