ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ سايلام ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ قەندىھاردىكى سايلام بىيۇروسىدا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا 3 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 7 ئادەم يارىلاندى.

1276090
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ سايلام ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى جەمال ناسىر بارىكزەي، قەندىھارنىڭ 4 – رايونىدىكى مەۋجۇت پىرېزىدېنت ۋە پىرېزىدېنت نامزاتى ئەشرەف غېنىنىڭ سايلام ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىغانلىقىنى، ۋەقەدە بىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 3 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

ئافغانىستاندا 28 – سېنتەبىردە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر