رىياد، ئارامكو ھۇجۇمىدىن ئىنتىقام ئېلىش پىلانلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەربىي چارىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى

ئادىل ئەلجۇبەير، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكونىڭ نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن ھەربىي چارىلەرنى قوللىنىپ ئىنتىقام ئېلىشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1276102
رىياد، ئارامكو ھۇجۇمىدىن ئىنتىقام ئېلىش پىلانلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەربىي چارىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكونىڭ نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن ھەربىي چارىلەرنى قوللىنىپ ئىنتىقام ئېلىشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا بارغان جۇبەير مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە نېفىت گۇرۇھى ئارامكونىڭ ئىككى مۇئەسسەسەسىگە ھۇجۇم قىلىنغان ئورۇننى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «ئارامكو ھۇجۇملىرىغا دائىر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى بارلىق  چارىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز» دېدى.

ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن قوراللارنىڭ ئىراندا ياسالغانلىقىنى، شۇڭا تېھراننىڭ ئارامكو ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇبەير، دۆلىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن  ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، بىراق، ئىراننىڭ تەھدىتلىرى ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكونىڭ ئىككى نېفىت چەككىلەش ئورنىدا، ئۆتكەن شەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 04:00 تە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن؛ ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى يەمەندىكى ھۇسىيلار ئۈستىگە ئالغانىدى.

ئىراننىڭ ھىزبۇللاھ ۋە ھۇسىيلارنى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان جۇبەير، تېھراننىڭ رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش پوزىتسىيەسىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىران مەسىلىسىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتون بىلەن، بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېھراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى مەسىلىسىدە ھەمپىكىر ئىكەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير يەمەن مەسىلىسىدە ھەققىدە توختىلىپ، دۆلىتىنىڭ رايوننى مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ۋە ھۇسىيلار بىلەن ئىرانغا قاراشلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇسىيلارنىڭ بارلىق كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۈزلەرچە بومبا ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇيەبىر، ھۇسىيلارنىڭ يەمەنگە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر