گۇتېررېس: بەسرە قولتۇقىدا ئېغىر قوراللىق توقۇنۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، «(بەسرە) قولتۇقىدا، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنى بىز كۆتۈرۈپ كېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان قوراللىق توقۇنۇش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كەلمەكتىمىز» دېدى.

1275803
گۇتېررېس: بەسرە قولتۇقىدا ئېغىر قوراللىق توقۇنۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس، ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا 193 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا خىتاب قىلدى.

ئۇ، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق توغرىسىدا توختىلىپ، «(بەسرە) قولتۇقىدا، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنى بىز كۆتۈرۈپ كېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان قوراللىق توقۇنۇش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كەلمەكتىمىز. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت مۇئەسسەسەلىرىگە قىلىنغان (ئۆتكەن ھەپتىدىكى) ھۇجۇمنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. كىچىككىنە بىر خاتا مۆلچەرنىڭ ئغىر كىرىزىس پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، سوغۇققان ۋە مۆتىدىل بولۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە بىر – بىرلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماستىن ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن گۇتېررېس، ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» نىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئېغىر بىر بۇرۇلۇشنىڭ يۈز بېرىشىدىن قورقىمەن. دۇنيا ئىككىگە بۆلۈنىۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادى ئۆز پۇل بىرلىكلىرى، سودا ۋە مالىيە بەلگىلىمىلىرى، ئۆز ئىنتېرنېتلىرى، سۈنئىي ئەقىللىرى ۋە نۆل مەنپەئەتلىك گېئوپولىتىك ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن بىر – بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئىككى ئايرىم دۇنيا ياراتماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر