ئۈچ دۆلەت سەئۇدى نېفىت تەسىسلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا ئىراننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە بىرلىكتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت تەسىسلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا ئىراننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1275129
ئۈچ دۆلەت سەئۇدى نېفىت تەسىسلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا ئىراننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ب د ت 74-قېتىملىق ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركىتى ئارامكو تەسىسلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «2019-يىلى 14-سېنتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نېفىت تەسىسلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئىراننىڭ بۇ ھۇجۇمدا جاۋابكارلىقى بارلىقى ناھايىتى ئېنىق. بۇنىڭ باشقا ئىزاھاتى يوق. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەرنى قوللايمىز» دېيىلدى.

مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ رايوندا چوڭ توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىش خەتىرىنى پەيدا قىلغانلىقىغا ئىما قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ ھۇجۇملار، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى ۋە بارلىق تەرەپلەرنى مەسىلىگە داخىل قىلىش ئارقىلىق رايوندا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.»

باياناتتا، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقى تەكرارلاندى ۋە ئىران كېلىشىم شەرتلىرىگە قايتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىندى.

ئوتتۇرا شەرقتە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش چاقىرىق قىلىنغان باياناتتا، «ئىراننى دىيالوگ ئورنىتىشقا، ئىغۋاگەرچىلىكلەردىن ۋە جىددىيچىلىكنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن يىراق تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر