ھافتەر كۈچلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن پايتەختكە ھۇجۇم قىلدى

لىۋىيەدىكى مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى كۈچلىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ پايتەخت تىرابلۇستىكى بىر ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن بىر قانچە كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1273982
ھافتەر كۈچلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن پايتەختكە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ، «غەزەب ۋولقىنى» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ فەيسبۇكتىكى ئادرېسى ئارقىلىق تارقىتىلغان باياناتىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ تىرابلۇستىكى مەشرۇ ئەلھەدابە رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ۋەقەدە بىر ئائىلىدىن بىر قانچە كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، يارىدارلارنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەر ئۈستىگە ئالدى.

گېنېرال خەلىفە ھافتەرنىڭ پايتەخت تىرابلۇسنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن مۇشۇ يىلى (2019) 4 – ئاپرېلدا ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشىدىن كېيىن، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى كۈچلىرى كەڭ كۆلەملىك تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر