كۇبا: ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ قىلمىشى زوراۋانلىق

كۇبا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇبانىڭ نىيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاكالەتخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئىككى دىپلوماتتىن دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ زوراۋانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1273772
كۇبا: ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ قىلمىشى زوراۋانلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇرو رودرىگۇئېز بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۇبالىق دىپلوماتلادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئامېرىكىغا دۆلىتىنىڭ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشى زوراۋانلىق ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىز ئامېرىكىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئارال مىقياسىدىكى ئېنېرگىيە قىيىنچىلىقىمۇ ترپ ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. دەرۋەقە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۇبانى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. ترامپ ھاكىمىيىتى كۇبانىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۇبانىڭ نىيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاكالەتخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئىككى دىپلوماتىدىن دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر