ئىران پىرېزىدېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئامېرىكا ۋىزاسى بېرىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ.

1273434
ئىران پىرېزىدېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئامېرىكا ۋىزاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابباس مۇساۋى تاراتقۇلاردىكى ئامېرىكانىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىفقا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ۋىزا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە قارىتا تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، جەۋاد زارىفنىڭ بۈگۈن (20-سېنتەبىر) ئەتىگەن نىيۇ يوركقا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇھانى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ۋىزا بېرىلمىگەن تەقدىردە، ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىغا قاتناشمايدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى جەۋاد زارىفنى ئىران دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئالى ھامەنېينىڭ نامىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

ئېمبارگولار جەۋاد زارىفنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن ھەر قانداق سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى چەكلەش ۋە جەۋاد زارىفنىڭ ئامېرىكاغا كېلىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ب د ت مەركىزىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكانىڭ، ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇ يوركقا بارىدىغان دىپلوماتلارغا ۋىزا بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

ئامېرىكا 2019 -يىلى ئىيۇل ئېيىدا ب د ت نىڭ بىر يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىفقا، ب د ت بىناسى ۋە ئىراننىڭ ب د ت دىكى دائىمى ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ سىرتىغا چىقماسلىق شەرتى بىلەن ۋىزا بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ب د ت دىكى ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر