ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم  جانغا زامىن بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1273082
ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم  جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسارايدىن 3 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى Columbia Heights رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىر كشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بەش كىشى يارىلانغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان  يارىدارلاردىن ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان تېخىچە قولغا چۈشمىگەن بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر