تۇنىسنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن سابىق پىرېزىدېنتى ئالەمدىن ئۆتتى

تۇنىسنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن سابىق پىرېزىدېنتى زەينەل ئابىدىن بىن ئەلى داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1272949
تۇنىسنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن سابىق پىرېزىدېنتى ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىسنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن سابىق پىرېزىدېنتى زەينەل ئابىدىن بىن ئەلىنىڭ ئادۋوكاتى مۈنىر بىن سالىھا تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، سابىق پىرېزىدېنتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات بىن سالىھا ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، زەينەل ئابىدىن بىن ئەلىنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

زەينەل ئابىدىن بىن ئەلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى تۇنىسقا ئاپىرىش-ئاپارماسلىق مەسىلىسى مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.

تۇنىسنىڭ 83 ياشلىق سابىق پىرېزىدېنتى زەينەل ئابىدىن بىن ئەلى خەلق ئىسيانى يۈز بەرگەن 2011-يىلى 14-يانۋاردىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر