خىتاي بىلەن رۇسىيە ب د ت قارارنامىسىنى رەت قىلدى

رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ھۆرمەت قىلىش نىشان قىلىنغان قارارنامىسىنى رەت قىلدى.

1273154
خىتاي بىلەن رۇسىيە ب د ت قارارنامىسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرى گېرمانىيە بىلەن كۇۋەيت ۋە بېلگىيە تەرىپىدىن، يەنە بىرى رۇسىيە بىلەن خىتاي تەرىپىدىن كېڭەشكە سۇنۇولغان ئىككى قارارنامىنى ئاۋازغا قويدى.

ئاۋازغا قويۇشتا، رۇسىيە بىلەن خىتاي  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ھۆرمەت قىلىش نىشان قىلىنغان قارارنامىسىنى رەت قىلدى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، بېلگىيە، كۇۋەيت، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ھىندونېزىيە، پولشا، پېرۇ، جەنۇبىي ئافرىقا، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، پىل چىشى قىرغىقى قاتارلىق دۆلەتلەر قوللاپ ئاۋاز بەردى،  ئېكۋاتور گۋىنېيەسى بولسا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

غەرب ئەللىرى، رۇسىيە بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى پۇقرالار، مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلى نېبېنزىئا بولسا، بۇ ئەيىبلىەشلەرنى رەت قىلىپ، ئىدلىبتا پەقەت تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە تەرەپ خىتاي بىلەن بىرلىكتە كېڭەشكە سۇنغان قارارنامىسىدە، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن چېتىشلىقى بار شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى» نى تەلەپ قىلدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ قارارنامىسى 9 ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمىدى. قارارنامىنى پەقەت رۇسىيە بىلەن خىتايلا قوللاپ ئاۋاز بەردى، 9 دۆلەت رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى، 4 دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

قارارنامىنى قوللىمىغان دۆلەتلەر، رۇسىيەنىڭ قارارنامىدە، ئىدلىبتىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە پەقەت تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭلا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.

بۇ ئارىلىقتا، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىنى داۋاملىق توپقا تۇتماقتا.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2018 – يىلى 17 – سېنتەبىر كۈنى كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالانغان بۇيان، «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» دا، بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 1300 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

رۇسىيە بىلەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى قويۇق ھۇجۇم قىلىۋاتقان جايلاردىن بىخەتەر رايونلارغا، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىگە يېقىن جايلارغا كۆچكەنلەرنىڭ سانى 1 مىليون 42 مىڭغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر