جەۋاد زارىف ئىرانغا قارشى ئۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

جەۋاد زارىف مايك پومپىيونى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كېرىش ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

1272666
جەۋاد زارىف ئىرانغا قارشى ئۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت زاۋۇتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيونىڭ «ئۇرۇش سەۋەبى» دەپ باھالىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مايك پومپىيونى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كېرىش ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

جەۋاد زارىف پومپىيونى ئىرانغا قارشى ئۇرۇشقا كۈركۈرتۈش بىلەن ئەيىبلەپ، «بۇ ب گۇرۇپپىسىنىڭ قالدۇقلىرى ۋە نەپسىياتچى ئىتتىپاقدىشى ترامپنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كېرىش ئۈچۈن ئالداشقا ئۇرۇنماقتا. ئۆزلىرىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن تېلىگەنلىرىنىڭ قوللىرىغا كەلمەسلىكىگە دۇئا قىلىشلىرى لازىم. ئۇلار ھازىرمۇ ئىنتايىن مۇتەكەببىر بولغانلىقلىرى ئۈچۈن 4 يىل ئىلگىلىرى يوقىتىۋېتەلمىگەن ئىراندىن تېخىمۇ كىچىك بولغان يەمەندىكى ئۇرۇشتا بەدەل تۆلىمەكتە» دېدى. 

جەۋاد زارىف يەنە بىر باياناتىدا بولسا، پومپىيونىڭ ئاپرىل ئېيىدا تېكساس «A&M» ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا «مەن ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات تەشكىلاتى <CIA > نىڭ دىرىكتورى ئىدىم. يالغان گەپ قىلدۇق، ئالدىدۇق ۋە ئوغىرلىدۇق» دېگەن كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىشىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇچۇقىنى ئېيتقاندا، كونا ئادەتلەر ئاسانلىقچە يوقالمايدۇ. يالغانلار ۋە ئالدامچىلىقلار بىلەن تۆكۈلگەن قانلارنى شۇنداقلا خەلقنىڭ خەزىنىسىدىن ئىشلەتكەن خىراجەتلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان چەت ئەللىك خىرىدارلىرىغا (سەئۇدى ئەرەبىستانغا) يالاقچىلىق قىلىش يېقىندىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى»

جەۋاد زارىف سابىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مەسلىھەتچىسى جون بولتون، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە ئەبۇ دەبى تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن زىياد قاتارلىقلارنى «ب گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنى ئىرانغا قارشى ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سورەشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر