ي پ گ / پ ك ك بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

1271204
ي پ گ / پ ك ك بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۇۋا تۇتۇپ يېتىۋاتقان ماكانى - تەل رىفات ناھىيەسىدىن ئازەز ناھىيەسىگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى؛ توقۇنۇشتا ئېغىر تىپلىق قوراللار ئىشلىتىلدى.

ي پ گ / پ ك ك، تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىنىڭ سۈرىيە تەرىپىگە جايلاشقان ئازەزنىڭ جەنۇبىدىكى كافار كاشىر، غەربىدىكى مالىكىييە فىرونتلىرىغا بۈگۈن كېچە سوقۇنۇپ كىرىش مەقسىتىدە ھۇجۇم قىلدى؛ ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان تەل رىفات رايونىدىن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان ي پ گ / پ ك ك، ئالدىنقى سەپتىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشتى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سوقۇنۇپ كىرىش ئۇرۇنۇشىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان ي پ گ / پ ك ك، ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەل رىفات رايونىدىكى ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۇ يەردىن پات – پات ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر