تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى

مەقسەت خاتىرجەملىك
نىشان تېررورلۇق

ترامپ: ئىرانغا قىلىنغۇسى مۇداخىلىنىڭ مۇۋازىنەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

دونالد ترامپ، دۆلىتىنىڭ ئىرانغا قىلغۇسى ھەربىي ھۇجۇمىنىڭ مۇۋازىنەتلىك بىر ئىنكاس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ: ئىرانغا قىلىنغۇسى مۇداخىلىنىڭ مۇۋازىنەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكو قارمىقىدىكى ئىككى نېفىت چەككىلەش ئورنىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا توختىلىپ، دۆلىتىنىڭ ئىرانغا قىلغۇسى ھەربىي ھۇجۇمىنىڭ مۇۋازىنەتلىك بىر ئىنكاس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ، نيۇ مېكسىكو ئىشتاتىغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاقساراينىڭ باغچىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى؛ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكوغا قاراشلىق ئورۇنلارغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ بار – يوقلۇقى مەسىلىسىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەسكىن نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ترامپ، «ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىدىغانلىقىمىزغا قارار قىلىمىز» دېدى.

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئىنتىقامى سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم قىلىشىنىڭ مۇۋازىنەتلىك بولۇپ – بولمايدىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا «مۇۋازىنەتلىك بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم <ھەئە>» دەپ جاۋاب بەردى.

دونالد ترامپ، ئارامكوغا قىلىنغان ھۇجۇملار سەۋەب بولغان نېفىت باھاسىدىكى ئۆرلەشنىڭ ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر