رىياد ئارامكو ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارادىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكو قارمىقىدىكى نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارادىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1270691
رىياد ئارامكو ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارادىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتە دۇنيا بازارلىرىنى نېفىت بىلەن تەمىنلەۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ۋەقەنىڭ سائۇدى ئارامكو شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %50 ىگە يېقىنىنىڭ توختاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھۇجۇمدا ئىران قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇملارنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمغا ئالاقىدار ھەقىقەتلەرنى تەكشۈرۈشكە ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن ب د ت ۋە خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكو قارمىقىدىكى ئىككى نېفىت چەككىلەش ئورنىدا شەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 04:00 تە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنىدى.

ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن ۋەقەدىن كېيىن ھېچقانداق تەرەپ ئەيىبلەنمىگەن بولسىمۇ، يەمەندىكى ھۇسىيلار يازما بايانات ئېلان قىلىپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرمۇ ئارامكوغا قاراشلىق نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ يەمەن زېمىنلىرى سىرتىدىن ئىران قوراللىرى بىلەن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىراننىڭ ھىمايىسىدىكى يەمەنلىك ھۇسىيلار، يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپىنچىسى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ھاۋادىكى چېغىدىلا پاچاقلاپ تاشلانغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەزى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر