ھېندونېزىيەدە ئورمانغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى گۇمانلىق 185 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

ھېندونېزىيەنىڭ ئوخشاش بوملىغان ئۆلكىلىرىدە تەخمىنەن 2 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپىتىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن 185 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

ھېندونېزىيەدە ئورمانغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى گۇمانلىق 185 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش باشقارمىسى باياناتچىسى دېدى پىراسېتيو 6 ئۆلكىدە داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

دېدى پىراسېتيو تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، ئوت قويۇپ بەرگەنلىكلىرىدىن گۇمان قىلىنغان 185 گۇماندارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە جىنايىتى ئىسپاتلانغان تەقدىردە ئاز دېگەندىمۇ 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ساماترا ۋە بورنىيو ئاراللىرىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئىس- تۈتەكلىرىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا مۇھىت بۇلغۇنىشى خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بەزى شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر ئوقۇش توختاتتى. يەنە بەزى ئۆلكىلەردە ئىس - تۈتەك سەۋەبىدىن ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى توختىتىلدى.

دالا ئوت ئاپەتلىرىگە ماي ۋە ئىيۇن ئېيىدا يۈز بېرىدىغان قۇرغاقچىلىقتىن باشقا يەنە ئاساسەن دېگۈدەك دېھقانلارنىڭ دۆلەتتىن رۇخسەتسىز يەر ئېچىشى ۋە سامان يېقىشىنىڭ سەۋەب بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر