ترامپ ئامېرىكىدا مودى بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، ئامېرىكىنىڭ ھوستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يىغىن جەريانىدا كۆرۈشىدۇ.

ترامپ ئامېرىكىدا مودى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي، دونالد ترامپنىڭ يەكشەنبە كۈنى تېكساس ئىشتاتىنىڭ ھوستون شەھىرىگە بېرىپ، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ترامپنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى مۇھىم ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.

كەشمىر مەسىلىسى تۈپەيلى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ۋە پاكىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يىرىكلىشىپ كەتكەن بىر پەيتتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ترامپ – مودى ئۇچرىشىشى، ھەم يېڭى دېھلى ھەم ئىسلامئاباد تەرىپىدىن يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە.

ئاقساراي يەنە، ترامپنىڭ مودى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئوھايوغا بېرىپ، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر