سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە چېگراسىدا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە چېگراسى بويىغا جايلاشقان چوبانبەي بازىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئەتراپىدا ئاپتوموبىل بومبا پارتلاپ 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە چېگراسىدا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلىس ۋىلايىتىنىڭ ئەلبەيلى ناھىيەسىنىڭ قارشىسىدىكى سۈرىيە زېمىنىدا، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىغا جايلاشقان چوبانبەي بازىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئەتراپىدا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى.

سۈرىيە پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان. پارتلاش نەتىجىسىدە دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن. پارتلاشنىڭ تەسىرىدە دوختۇرخانىدىمۇ ماددىي زىيان كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر