خوڭكوڭدا بۈگۈن سەھىيە خادىملىرى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى قوللاپ يۈرۈش قىلدى

خوڭكوڭدا مىڭلىغان سەھىيە خادىمى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەلەب قىلىپ داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى.

خوڭكوڭدا بۈگۈن سەھىيە خادىملىرى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى قوللاپ يۈرۈش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دوختۇرخانىلاردىن بىرسى بولغان «Prince of Wales» دوختۇرخانىسىنىڭ يۈزلىگەن خادىمى يۈزلىرىگە قارا رەڭلىك ئوپېراتسىيە ماسكىلىرىنى تاقىشىپ، شوئارلارنى توۋلىغان ھالدا ئىنسان زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلارنىڭ تەلەبلىرىنى تولۇق قامداش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن خوڭكوڭدا 500 گە يېقىن دوختۇرنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئىككى گېزىتتە ئېلان قىلىنغان مەكتۇبتا، ساقچىلارنىڭ كىرىزىسكە تۇتقان پوزىسىيەنىڭ نورمال بولۇشى ۋە زورۋانلىقنىڭ ئەۋج ئالدۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا ساقچى ئىدارىسى مەسئۇلى تىسې چۇنچۇڭ رايوندا ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نازارەتكە ئېلىنغانلار سانىنىڭ 453 كىشىگە چيەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىگە قارشى باشلانغان نامايىشلار 15 - ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا، تۈنۈگۈن خوڭكوڭدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇپپىلار ئارىسىدىن ئاممىۋى كىشىلىك ھوقۇق فىرونتى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئورۇنلاشتۇردى.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن مىڭلىغان نامايىشچى قاتناشقان ھاكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردىن كېيىن، زورۋانلىقنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.

نامايىشچىلار قانۇن تەكلىپىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىدىن باشقا يەنە، نامايىشچىلارغا زورۋانلىق قىلغان ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈلىشى ئۈچۈن مۇستەقىل كومىتېت قۇرۇلىشى، تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلارغا ئومۇمىي يۈزلۈك كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلىش، نامايىشلارنى «قوزغىلاڭ» دەپ ئاتاشنى توختىتىش ۋە يېڭىدىن سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ باشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەب قىلماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر