كىم جوڭئۇن دونالد ترامپنى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلدى.

1270312
كىم جوڭئۇن دونالد ترامپنى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «جوڭگاڭ ئىلبو» گېزىتىنىڭ دىپلوماتىك مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، كىم جوڭئۇن دونالد ترامپ بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلغان.

خەۋەردە، كىم جوڭئۇننىڭ تەكلىپىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا بىر مەكتۇپ بىلەن ئامېرىكا تەرەپكە يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىش تەكلىپىگە ترامپنىڭ «مۇشۇ يىل ئىچىدە مۇمكىن» دەپ جاۋاپ قايتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جو سونخۇيمۇ ئامېرىكا بىلەن كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق ئامېرىكىنىڭمۇ يېڭى بىر پوزىتسىيە بىلەن كېلىشى كېرەكلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئىككى رەھبەر 2018يىلى ئىيۇن ئېيىدا سىنگاپۇردا ئۇچراشقاندىن بۇيان شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسلىسىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن 3 قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئەگەر دونالد ترامپ بۇ قېتىم پىيوڭياڭغا بولسا، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى پىرېزىدېنتىگە ئايلىنىدۇ.

ئىككى رەھبەر 2019يىلى ئىيۇندا جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئەسكەرلەردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايوندا كۆرۈشكەن بولۇپ، فېۋرال ئېيىدا ۋېيېتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەر يىغىنىدىن كېيىن، ئۆزئارا مۇزاكىرىلەر توختاپ قىلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر