گتېررېس سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گتېررېس سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى 2 نېفىت زاۋاتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

گتېررېس سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىباتلىق ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «باش كاتىپ شەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي رايونىدىكى ئارامكو نېفىت زاۋۇتىغا خۇسىيلار تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، باش كاتىپ ئانتونىيو گتېررېسنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى چەكلىمىلەرنى ئىشقا سېلىشقا، ئەۋج ئېلىۋاتقان يېرىكچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ھەر دائىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى «Saudi Aramco» غا تەۋە 2 زاۋۇت شەنبە كۈنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئوت كەتكەن ئىدى.

ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن ۋە ھېچ قايسى تەرپ ئەيىبلەنمىگەن بولۇشىغا قارىماي، خۇسىيلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئىما قىلىشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر