تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى

مەقسەت خاتىرجەملىك
نىشان تېررورلۇق

ئەردوغان پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

كىرېمىل سارىيى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ دۈشەنبە كۈنى بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى دىپلوماتىيە سىياسىتى مەسلىھەتچىسى يۇرى ئۇشاكوۋ، رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە،  ئەنقەرەدە  دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى، يىغىندا، سۈرىيە كىرىزىسىدىن سىرت يەنە، موسكۋا كېلىشىملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، ھەمدە ھەربىي تېخنىكىلىق ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرىلەر قىلىنىدىغانلىقىنى، يىغىن دائىرىسىدە، رەھبەرلەرنىڭ ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۇتىن بىلەن ئەردوغان پات - پات كۆرۈشۈۋاتىدۇ. ئاخىرقى قېتىملىق كۆرۈشۈش يېقىندا MAKS-2019  خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى يەرمەنكىسىدە ئىشقا ئاشقانىدى.  ئىككى رەھبەر دۈشەنبە كۈنى يەنە بىر يەرگە جەم بولىدۇ. تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 2018 – يىلى % 15.8 ئېشىپ، 25.5 مىليارد دوللارغا يەتتى. جۈملىدىن، سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەت مىللىي پۇللىرى بىلەن سودا قىلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرمەكتە، بۇ نىشاننىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم لايىھەسى تەييارلانماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر