تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى

مەقسەت خاتىرجەملىك
نىشان تېررورلۇق

ترامپ سىسى توغرۇلۇق: «مېنىڭ جەلپكار دىكتاتورۇم قەيەردە؟» دېگەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆتكەن ئاي فىرانسىيەدە چاقىرىلغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى توغرۇلۇق «مېنىڭ جەلپكار دىكتاتورۇم قەيەردە؟» دېگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ترامپ سىسى توغرۇلۇق: «مېنىڭ جەلپكار دىكتاتورۇم قەيەردە؟» دېگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Wall Street Journal › گېزىتى» نىڭ ئامېرىكىلىق ۋە مىسىرلىق دائىرىلەرنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنى كۈتۈۋېتىپ، ھەممە ئاڭلىيالىغۇدەك يۇقىرى ئاۋازدا، «مېنىڭ جەلپكار دىكتاتورۇم قەيەردە؟» دەپ ۋارقىرىغان. گەرچە  دائىرىلەرنىڭ قارىشىچە، ترامپ چاقچاق قىلىپ شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن ئەتراپ بىر مەھەل تىمتاسلىققا چۆمگەن.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، سىسىنىڭ ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاڭلىمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر