سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىگە ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇقلۇقتىن قىلغان ھۇجۇملىىدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە پۇقراۋى قوغدىنىش مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەششار ئەسەد كۈچلىرى تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە ئىدلىبنىڭ مارراتىننۇماس ناھىيەسى، خاس، ھىس، سەرجە ۋە بىنى يېزىلىرىغا ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇملار نەتىجىسىدە مارراتىننۇماس ناھىيەسىدە 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن، تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 6 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر