ترامپ گۇناھنىڭ ھەممىسىنى بولتونغا ئارتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇ ماڭا توسقۇنلۇق قىلاتتى» دېدى.

ترامپ گۇناھنىڭ ھەممىسىنى بولتونغا ئارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا فلورىدا ئىشتاتىدىن سايلانغان ماركو رۇبىيونىڭ، «قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشتۈم. مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ بەزى پىكىرلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقى توغرا، بىراق بۇ پىرېزىدېنتنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە مەن بىلەن ئىختىلاپ قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى» دېگەن ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ: «ئەسلىدە ۋېنېزۇئېلا، بولۇپمۇ كۇبا مەسىلىسىدىكى پىكىرلىرىم، جون بولتوننىڭكىلەردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇ ماڭا توسقۇنلۇق قىلاتتى» دېدى.

ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى، بولۇپمۇ ۋېنېزۇئېلا ۋە ئىران مەسىلىلىرىدە ترامپ بىلەن كېلىشەلمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن جون بولتون سەيشەنبە (10-سېنتەبىر) كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ چارشەنبە (11-سېنتەبىر) كۈنى ئاقسارايدا بايانات ئېلان قىلغاندا، جون بولتوننىڭ شىمالىي كورېيە ئۈچۈن لىۋىيە مىسالىنى تەكلىپ قىلىشىنى «پاجىئە» دەپ ئاتاپ، شۇنىڭدىن كېيىن پىكرىي جەھەتتىن ئايرىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ: «شىمالىي كورېيە دۆلەت رەھبىرى كىم جوڭئۇننى بۇ تەكلىپتىن كېيىن ئېيتقان بەزى سۆزلىرى ئۈچۈن ئەيىبلىيەلمىدىم. كىم جوڭئۇن جون بولتون بىلەن ھېچنىمە قىلىشنى خالىمىدى. بۇ قاتتىق قول بولۇش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئەقىللىق بولماسلىق مەسىلىسى ئىدى» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر