رۇسىيەدە ساقچىلار ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىش ئورۇنلىرى ۋە ئۆيلىرىنى ئاختۇردى
رۇس ئۆكتىچى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە «چىرىكلىككە قارتشى كۈرەش فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئالېكسېي ناۋالنى ساقچىلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرى ۋە ئۆيلىرىنى ئاختۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناۋالنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ساقچىلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 41 شەھەردە «چىرىكلىككە قارتشى كۈرەش فوندى» خادىملىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرى ۋە ئۆيلىرىنىڭ ئاختۇرغانلىقىنى، ئاختۇرۇلغان ئۆيلەرنىڭ 200 گە يېتىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بايانتچىلىرىدىن لېئونىد ۋولكوۋنىڭ پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئاختۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاختۇرۇشلاردىن كېيىن <چىرىكلىككە قارتشى كۈرەش فوندى> نىڭ بارلىق خىزمەتچى – خادىملىرى پۇل يۇيۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوراققا تارتىلماقتا. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرىمىزنى قولغا چۈشۈرۈشتۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىرانسىيە مەھكىمىسى بەششار ئەسەد ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
فىرانسىيە سۈرىيەنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەئىسى بەششار ئەسەد ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.