رىزا پەھلىۋى: ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە بىر كۈنى قايتىدىن ئىتتىپاقداش بولىدۇ

ئىراننىڭ ئاخىرقى پادىشاھى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋىنىڭ ئوغلى رىزا پەھلىۋى ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كۈنى قايتىدىن ئىتتىپاقداش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1269197
رىزا پەھلىۋى: ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە بىر كۈنى قايتىدىن ئىتتىپاقداش بولىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1979 - يىلىدىكى ئىران ئىنقىلابىدىن تەخمىنەن 2 يىل ئىلگىرى ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكا كەلگەنچە ھازىرغا قەدەر نىيۇ يورك شەھىرىدە ياشاۋاتقان شاھزادە رىزا پەھلىۋى ئىسرائىلىيە گېزىتىگە بايانات بەردى.

رىزا پەھلىۋى ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىدىن «Yedioth Ahronoth» غا بەرگەن باياناتىدا، ئىران ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

رىزا پەھلىۋى پىرىنسىپ بويىچە بارلىق دوست دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «كەلگۈسىدىكى دېموكراتىك ئىراندا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنە قايتىدىن دوستانە مۇناسىۋەتكە ئايلىنىشى كۈتمەكتىمىز» دېدى. 

ئىران خەلقىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ ھازىرقى ئىران ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن رىزا پەھلىۋى: «ئىراندىكى مەۋجۇت ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىسىدۇر ۋە چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. خەلقنى ئەمەس، ھۆكۈمەتنى قوغداش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر ھۆكۈمەت سىتېمىسىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر