جېففرېي خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى قوبۇل قىلمىدى

ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمېس جېففرېي (James Jeffrey) ب د ت مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ئېھتىمالى بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1268847
جېففرېي خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى قوبۇل قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر ئو. پېدېرشىن (Geir O. Pedersen) شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت ئىشخانىسىدا، مىسىر، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى بىلەن ئېچىلغان يىغىنىدا كۆرۈشتى.

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى پېدېرشىن يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىدلىبتىكى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي مۇساپىنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

پېدېرشىندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمېس جېففرېي سۆز قىلىپ: «ئىدلىبتىكى پۇقرالارغا قىلىنىۋاتقان شىددەتلىك ھۇجۇملاردىن ھەممە كىشى چۆچۈدى. ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك» دېدى.

جېففرېي سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنى ھەل قىلىشتا، «ھەربىي چارە» گە ئورۇننىڭ يوقلۇقىنى، ئامېرىكانىڭ ھەربىي چارەنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلگەن ۋە چارشەنبە (11-سېنتەبىر) ئېلان قىلىنغان ب د ت دوكلاتى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەر بىر ھەربىي ھەرىكەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى قوبۇل قىلمايمىز.»

ب د ت مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ سۈرىيەدە پۇقرالارنىڭ جايلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى دائىرىسىگە كىرىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋا ھەرىكەتلىرىدە، پۇقرالارنىڭ جايلىرى ۋە ھەربىي نۇقتىلارنى ئايرىش ئۈچۈن زۆرۈرتەدبىرلەرنىڭ ئېلىنمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھۇجۇملىرىنى بىۋاستە ھەربىي نۇقتىلارغا قاراتمىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كومىتېت كۆرسەتكەن مۇۋاپىق سەۋەبلەرنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر