ھىندىستاندا كېمە كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ھىندىستاننىڭ مادھىيا پرادېش ئۆلكىسىدە كۆلدە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي پائالىيەت جەريانىدا كېمىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھىندىستاندا كېمە كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى تەرەپ، بھوپا شەھىرىدىكى بىر كۆلدە ئۆتكۈزۈلگەن دىىني پائالىيەت جەريانىدا، كېمىنىڭ ھىندىلارنىڭ تەڭرىسى گانېشانىڭ ھەيكىلى كۆلگە پاتقۇزۇلۇۋاتقاندا كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. قازادىن كېيىن 11 كىشىنىڭ جەسىتى كۆلدىن چىقىرىلغان، 6 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېمىنىڭ خوجايىنى قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تۆلەم تۆلەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، قازانىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغان بولۇپ، ھەر يىلى مىڭلارچە ھىندى دىنىي فېستىۋالدا دۇئا قىلغاندىن كېيىن گانېشا ھەيكەللىرىنى سۇغا پاتۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر